دانىيەدە يەنە قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلدى

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەردى.

2022726
دانىيەدە يەنە قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام دۈشمىنى ۋە ئىرقچى «دانىيەلىك ۋەتەنپەرۋەرلەر» ئىسىملىك گۇرۇپپىنىڭ بىر ئەزاسى تۈركىيە، پاكىستان، ئالجىرىيە، ھىندونېزىيە ۋە ئىراننىڭ كوپېنھاگېن ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.

ئۇ ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىسلامغا قارشى شوئارلارنى توۋلاپ، قۇتراتقۇلۇق قىلدى.

ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook «دانىيەلىك ۋەتەنپەرۋەرلەر» گۇرۇپپىسى تارقاتقان بەزى ۋىدېئولارغا چەكلىمە قويغانىدى.

بۇ گۇرۇپپا يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە، 4-ئاۋغۇست (2023) تۈركىيە، ئىراق، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراننىڭ كوپېنھاگېن ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا، 7-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە، پاكىستان، ئالجىرىيە، ھىندونېزىيە ۋە ئىران قاتارلىق ئەللەرنىڭ ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى.

كوپېنھاگېننىڭ سىرتىدىمۇ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بۇ گۇرۇپپا، بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەنىدى.

قۇتراتقۇلۇقلار 8-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە، ئالجىرىيە، پاكىستان، ھىندونېزىيە ۋە ئىراننىڭ كوپېنھاگېن ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا داۋاملاشقانىدى.

يېقىنقى مەزگىلدە شىۋېتسىيە ۋە دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر