دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا

دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى داۋام قىلماقتا.

2022013
دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامغا قارشى قىلمىشلىرى بىلەن تونۇلغان «دانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى» ناملىق ئاشقۇن ئىرقچى گۇرۇپپا ئەزالىرى كوپىنھاگېندىكى تۈركىيە، ئالجىرىيە، پاكىستان، ھىندىنوزىيە ۋە ئىران ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.

قۇتراتقۇلۇقلىرىنى ساقچىلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن ئىغۋاگەرلەر، ئىسلامغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسلىرىدا بىۋاسىتە تارقاتتى. فەيسبۇك بۇ گۇرۇپپىنىڭ بىر قىسىم سىنلىرىنى چەكلىگەنىدى.

يېقىندىن بۇيان شىۋېتسىيە بىلەن دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ قىلمىشلارنىڭ ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى تۈركىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر