دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قۇتراتقۇلۇقلىرى باشقا شەھەرلەرگىمۇ كېڭەيدى

چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قاناتلارنىڭ دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېندا داۋاملىشىۋاتقان قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قۇتراتقۇلۇقى دۆلەتنىڭ باشقا شەھەرلىرىگىمۇ كېڭەيدى.

2020510
دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قۇتراتقۇلۇقلىرى باشقا شەھەرلەرگىمۇ كېڭەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامغا قارشى قىلمىشلىرى بىلەن تونۇلغان ئاشقۇن مىللەتچى «دانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى» ناملىق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى كوپېنھاگېندىكى تۈركىيە، ئىراق، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى ۋە ئىسلامغا قارشى پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، شوئارلارنى توۋلىدى.

پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، قۇرئان كەرىمگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى دانىيە مىقياسىدا تېخىمۇ كۈچەيتكەن ھالدا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان مەزكۇر گۇرۇپپا، قۇتراتقۇلۇقلىرىنى دانىيەنىڭ ئودېنسې ۋە ۋېجلې شەھەرلىرىگە كېڭەيتتى.

گۇرۇپپا ئەزالىرى قۇرئان كەرىم ۋە جاينامازغا دەسسەپ تۇرۇپ تارتقان كۆرۈنۈشلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بىۋاسىتە تارقاتتى. ئۇلارنىڭ يەنە تۈركىيە بايرىقىغا دەسسىگەنلىكىمۇ كۆرۈلدى. مەزكۇر ۋىدېئو ئۇزۇن ئۆتمەيلا فەيسبۇك تەرىپىدىن چىقىرىپ تاشلاندى.

قۇتراتقۇلۇق ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا سادىر قىلىندى.

فەيسبۇك بۇ گۇرۇپپىنىڭ بىر قىسىم سىنلىرىنى چەكلىگەنىدى.

يېقىندىن بۇيان شىۋېتسىيە ۋە دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل قۇتراتقۇلۇقلارغا يول قويۇشى نارازىلىقا پەيدا قىلماقتا.

دانىيەدىكى ئىسلام دۈشمىنى ئاشقۇن مىللەتچى بىر گۇرۇپپا 28-ئىيۇل كوپېنھاگېندىكى بىر جامەنىڭ ئالدىدا، 1 - ئاۋغۇست تۈركىيە، ئىراق، مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كوپېنھاگېندىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا ۋە 3 – ئاۋغۇست تۈركىيە، ئىراق، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر