ئىراندا مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە بالۇچ مىللىتىدىن 11 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

ئىراندا يېقىنقى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىشلىق جىنايەتلەر بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلغان بالۇچ مىللىتىدىن 11 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2019781
ئىراندا مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە بالۇچ مىللىتىدىن 11 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئىران كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (IHR) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يەكشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە زاھىدان مەركىزى تۈرمىسىدە بالۇچلاردىن 9 ى ئىران پۇقراسى ۋە 2 سى ئافغانىستان پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 11 نەپەر بالۇچ دارغا ئېسىلغان.

دارغا ئېسىلغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق ئىران كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (IHR) نىڭ بىلدۈرىشىچە، 2023-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئىراندا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ سانى 423 كە يەتكەن.

ئىراندا تېرورلۇق، قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، قوراللىق بۇلاڭچىلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق جىنايەتلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر