ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرئان كەرىمگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار توغرىسىدا پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىردى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى قارار قىلدى.

2018611
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرئان كەرىمگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار توغرىسىدا پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە تۈنۈگۈن (2023-يىلى 31-ئىيۇل) چاقىرىلغان 18- نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ بايانات ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، شىۋېتسىيە ۋە دانىيەدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ مۇقەددەسلىكىگە قايتا- قايتا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ قاتتىق ئەيىبلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، پىكىر ئەركىنلىكى نامى ئاستىدا تەكرارلىنىۋاتقان بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قارار قىلغان.

باياناتتا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر قۇرئان كەرىم كۆيدۈرۈلگەن دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تېگىشلىك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە چاقىرىلدى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەزا دۆلەتلەردىن شىۋېتسىيە ۋە دانىيەدىكى باش ئەلچىلىرىنى مەسلىھەتلىشىش مەقسىتىدە قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي قەدەملەرنى تاشلىشى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا يەنە، مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلامنىڭ مۇقەددەس سىمۋوللىرىغا قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇملارنى چوڭقۇرلاپ مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئىسلاموفبىيا توغرىسىدا يىغىن چاقىرىشى تەلەپ قىلىندى.

تۈنۈگۈن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملار توغرىسىدىكى تور يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە، دانىيە بىلەن شىۋېتسىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى سادىر قىلىنغانىدى.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 18 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغانىدى.

يىغىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك ئۆزئارا كېڭىشىشلەردىن كېيىن، ئىراق تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە نۆۋەتچى رەئىس سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر