ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى تور يىغىنى چاقىرىدۇ

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يېقىنقى كۈنلەردە غەرب دۆلەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىدۇ.

2018033
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى تور يىغىنى چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى ئىنتېرنېت تور يىغىنى چاقىرىدۇ. يىغىنغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتنىشىدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسىيە ۋە دانىيەدە يۈز بەرگەن قۇرئان كەرىمگە قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىننىڭ، بۈگۈن (31-ئىيۇل) باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا، ياۋروپادا كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىۋاتقان ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش خاھىشلىرىغا قارشى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قوللىنىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يىغىندا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قۇرئانغا قارىتىلغان قەبىھ ھۇجۇملارغا قارشى ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يىغىندىن ئىلگىرى شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە، شىۋېتسىيەدىكى قۇرئانغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىنىستىر خاقان فىدان بۇ ھەرىكەتلەرنى پىكىر ئەركىنلىكى نامىدا داۋاملاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىسلام دۇنياسىدا زور ئىنكاس قوزغىغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ستوكھولم ھۆكۈمىتىدىن كونكرېت قەدەملەرنى تاشلاشنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر