ماراكەش پادىشاھى 6 - مۇھەممەد 2 مىڭ 52 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى
ماراكەش پادىشاھى 6 - مۇھەممەد تەختكە چىققانلىقىنىڭ 24 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2 مىڭ 52 مەھبۇسنى كەچۈرۈم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ماراكەش ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پادىشاھ 6 - مۇھەممەد ئۆزىنىڭ كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى دائىرىسىدە، مەھبۇسلار ۋە سوتلىنىۋاتقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 2 مىڭ 52 كىشىنى كەچۈرۈم قىلغان.
بۇنىڭغا ئاساسەن 1769 مەھبۇستىن 1632 نەپىرىنىڭ جازا مۇددىتى قىسقارتىلغان، قالغان 133 كىشىنىڭ جازا مۇددىتى كەچۈرۈم قىلىنغان. بىر مەھبۇسنىڭ ئۆلۈم جازاسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئۈچ مەھبۇسنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
كەچۈرۈم قىلىش قارارىدىن سوت قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان 283 كىشىمۇ پايدىلانغان.
ماراكەش ئاساسىي قانۇنىنىڭ 58-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، پادىشاھ مەھبۇسلارغا قارىتا كەچۈرۈم قارارى چىقىرالايدۇ.
ماراكەش پادىشاھى 6- مۇھەممەد 1999-يىلى 30- ئىيۇلدا تەختكە چىققان ئىدى.