خېيلوڭجياڭدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى

خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە بىر مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە زالىنىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، 11 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

2015260
خېيلوڭجياڭدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە بىر مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە زالىنىڭ ئۆگزىسى يەكشەنبە كۈنى (23-ئىيۇل) كەچتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. دەل شۇ ۋاقىتتا زالدا 19 كىشى بار بولۇپ، بۇلاردىن تۆت نەپىرى خارابىلىك ئاستىدىن قۇتۇلۇپ چىققان، قالغان 15 كىشى خارابىلىك ئاستىدا قالغان.

مەسئۇل دائىرىلەر، خارابىلىك ئاستىدا  قالغان 11كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى، تۆت كىشىنىڭ يارىلانغان ھالدا قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەردە، تەنتەربىيە زالىنىڭ قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە ئۆگزىگە قانۇنغا خىلاپ ھالدا پېرلت ماددىسىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەسكەرتىلىشىچە، پېرلىت ماددىسى نەم تارتىدىغان بولۇپ، يامغۇر ياغقاندا ئېغىرلىقى ئېشىپ ئۆگزىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان.

تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، قۇرۇلۇشتا خىزمەت قىلغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر