بلىنكېن تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىدىكى رولىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ «رەھبەرلىك رولىنى يەنە بىر قېتىم ئۈستىگە ئېلىشى»نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2014688
بلىنكېن تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىدىكى رولىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكانىڭ كولورادو ئىشتاتىدا داۋام قىلىۋاتقان ئاسپېن بىخەتەرلىك مۇنبىرىدىكى سۆزى ئەسناسىدا، تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىدىكى رولى ئۈستىدە توختىلىپ، «تۈركىيە دەسلەپكى قەدەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، كېلىشىمنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى، قالتىس خىزمەتلەرنى قىلدى... شۇڭا، بىز تۈركىيەنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش يول تۇتۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يېمەكلىكنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ئاشلىق كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققان جەرياندىكى كېلىشىمنى ساقلاپ قېلىش تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر ئانتونى بلىنكېن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيەنى ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتۇرۇپ كېلىش مەقسىتىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگىمۇ ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر