ياۋروپا ئىتتىپاقى: رۇسىيە ئاشلىقنى كۆيدۈرۈۋاتىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل رۇسىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئۇكرائىنا پورتلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ۋە ئاشلىقنى كۆيدۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ھارپىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىنى ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدىكى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا، 60 مىڭ توننا ئاشلىقنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئاشلىق كېلىشىمىدىن چېكىنىپلا قالماي، يەنە ئاشلىقنىمۇ كۆيدۈرۈۋاتىدۇ.»
بوررېل رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى «ۋەھشىيلىك» دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال دۇنيادا كەڭ كۆلەملىك ئاشلىق كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»