خىرىستىيان «ئاچارچىلىق تەرىقىتى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
كېنىيەدە «ئاچارچىلىق تەرىقىتى» نى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە بايقالغان جەسەتلەرنىڭ سانى 372 گە يەتتى.
2010679

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيە رايونلۇق كومىسسار رودا ئونيانچا مازارلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا يېڭى جەسەتلەرنى بايقىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.
رودا ئونيانچا بايقالغان جەسەتلەر سانىنىڭ 372 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئاپرېلدىن بۇيان بۇ تەرىقەتتىن 95 كىشىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقلىىرنى ئەسكەرتتى.
«خۇش خەۋەر خەلقئارا چېركاۋى» نىڭ پوپى پائۇل ماكېنزى چېركاۋدىكى كىشىلەرنىڭ ئاچ قېلىش ئارقىلىق ھەزرىتى ئىيسانىڭ دىندارلىقىغا يېتىىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، نۇرغۇن كىشىىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە تەكشۈرۈش باشلانغان ئىدى.
بۇ تەرىقەتنىڭ رەھبىرى پائۇل ماكېنزى تەكشۈرۈشنىڭ بېشىدا ساقچىلارغا 1000 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.