ۋىلنىيۇستا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى

لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى.

2010398
ۋىلنىيۇستا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ناتونىڭ ئوچۇق ئىشىك سىياسىتىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىنى تاللاش ھوقۇقى بارلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا: «بىز شىۋېتسىيەنىڭ ئىتتىپاقنىڭ تولۇق ئەزاسى سۈپىتىدە قارشى ئېلىنىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ناتو باش كاتىپى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ۋە شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېيلدى.

تېررورىزم شەرتسىز رەت قىلىنغان ۋە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەنگەن باياناتتا، تېررورلۇقنىڭ ھەر خىل شەكىل ۋە تۈرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق مۇداپىئەنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ۋىلنيۇس باشلىقلار يىغىنى باياناتىدا يەنە، ناتونىڭ 2008 - يىلىدىكى بۇخارېست باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىناغا بەرگەن ۋەدىسى قايتا تەكىتلىنىپ: «بىز ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تاللاش ھوقۇقىنى تولۇق قوللايمىز. ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسى ناتودىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ناتو باياناتىدا، قارا دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى، ئامانلىقى، مۇقىمملىقى ۋە قاتناش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلغان رايونلۇق تىرىشچانلىقلارنىڭ مۆنترۆ بوغۇزى ئەھدىنامىسىگە ئاساسەن قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، قارا دېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقى، ۋەزىيەت ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ناتو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، خەتەرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، جىددىيلىكنى پەسەيتىش ۋە ئوچۇق - ئاشكارىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، موسكۋا بىلەن بولغان ئالاقە قاناللىرىنىڭ ئوچۇق تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتايغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى؛ خىتاينىڭ غايىۋى ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىنىڭ ناتونىڭ مەنپەئەتى، بىخەتەرلىكى ۋە قىممەت قارىشىغا خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«بىز خىتاي بىلەن ئۆزئارا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەرپاچى خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئىشىكىمىزنى داۋاملىق ئوچۇق قويىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېىرلگەن باياناتتا، خىتايغا ئۈچ ئابزاس ئاجرىتىلدى.

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇسىيە ئۇرۇشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىلدى ۋە ئۇنىڭ رۇسىيەگە قورال ياردىمى بەرمەسلىكى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، فىنلاندىيەنىڭ ناتونىڭ ئەڭ يېڭى ئەزاسى سۈپىتىدە قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ناتونىڭ ئىشىكنى ئوچۇق قويۇش سىياسىتىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ: «ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تاللاش ھوقۇقى بار»لىقى تەكىتلەندى.

رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلارنى قانۇنسىز قوشۇۋېلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، رۇسىيەدىن ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، ئۇكرائىنادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

ناتونىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ تىنچلىق فورمۇلاسىنى قوللايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتىدا، ئۇكرائىنانى ھەربىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن قوللاشنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى مەسىلىسى بىر قانچە قېتىم تەكرارلاندى.

رۇسىيەنىڭ بېلارۇسىيە زېمىنىغا يادرو قورالى ۋە يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە سىستېمىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇددىئاسى ئەيىبلەنگەن باياناتتا: «بىز رۇسىيەنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلەرچە قىلىۋاتقان يادرو قورالى توغرىسىدىكى سۆزلىرى ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك يادرو قورالى سىگناللىرىنى ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ياۋرو - ئاتلانتىك ئوكيان لىنىيەسى ۋە ناتو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئالدىن پەرەز قىلىش ئىمكانىيىتى بولۇشىنىڭ ئارزۇ قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلغان باياناتتا يەنە: «ناتونىڭ رۇسىيە بىلەن روبىرولىشىش نىيىتى يوق شۇنداقلا رۇسىيەگە تەھدىتمۇ ئېلىپ كەلمەيدۇ. بىز تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقان رۇسىيەنى شېرىك دەپ قارىمايمىز» دېيىلدى.

ناتونىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئەسىنىڭ پۈتۈنلەي مۇداپىئە ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بۇ پىروگراممىنىڭ رومىنىيە، تۈركىيە، ئىسپانىيە، پولشا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پىداكارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا، ناتونىڭ يادرو قورالىسىز بىر دۇنيانى بەرپا قىلىش نىشانىغا ئىگە ئىكەنلىكى، «ئىرانغا يادرو قوراللىرىنى قەتئىي تەرەققىي قىلدۇرماسلىق كېرەكلىكى ئىرادىسى» قايتا تەكىتلەندى.

ئىراننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللىشىنىڭ ياۋرو - ئاتلانتىك ئوكيان بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ناتونىڭ ئىراننى رۇسىيەگە ھەربىي ياردەم بەرمەسلىككە چاقىرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ناتو باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى 2024 – يىلىدىكى  ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 – خاتىرە يىلىدا ۋاشىنگتوندا ۋە 2025 - يىلى بولسا، گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر بىلەن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر