ستولتېنبېرگ: خام ئەشيادا خىتايغا تايىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىق كېرەك

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئىتتىپاقنىڭ ئارمىيەدىكى ھەربىي ئۈنۈمىنى تۆۋەنلەتمەستىن، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش نىشانى بىلەن ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2003006
ستولتېنبېرگ: خام ئەشيادا خىتايغا تايىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىق كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان گېرمانىيە مارشال فوندى ئۇيۇشتۇرغان «كىلىمات ۋە خەۋپسىزلىك كونفېرانسى» دا سۆز قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن «يېشىل ئېنېرگىيە» گە ئۆتۈشنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ناتونىڭ ھەربىي ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەي، ئارمىيەنىڭ كۈچلۈك بولغىنىدەك «يېشىل» بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ تانكىلار، ھەربىي پاراخوتلار ۋە ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ «كىلىمات دوستى ئەمەس» لىكىنى، ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇدىن كۆپ پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر بىز يەر شارىدا بۇلغىما گاز قويۇپ بېرىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولساق، ھەربىي پائالىيەتلەردە قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىما گاز مىقدارىنى ئازايتىشىمىز كېرەك. شۇڭا، بىز تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ناتونىڭ بۇ جەھەتتە توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كانادادا يېڭىلىق يارىتىش مەبلىغىگە ئىگە كىلىمات ئۆزگىرىش مەركىزىنىڭ بارلىقىنى، بۇ يەردە ھەربىي ئىقتىدارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسەتمەستىن، بۇلغىمىنى ئازايتىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ۋە ئانالىزلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇشنىڭ قانچىلىك زىچ باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازىغا تايىنىشنى ئازايتىپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە،  ئىتتىپاقداشلىرىنى خام ئەشيادا خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە تايىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرماسلىق كېرەكلىكى توغرىسىدىمۇ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ۋە ناتونىڭ ئۆزگىچە خام ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش ۋە قايسى تېخنىكىلارنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر