سومالىدىكى بىر بالىلار باغچىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، نۇرغۇن بالا قازا قىلدى

سومالىدىكى بىر بالىلار ئويۇن باغچىسىدا راكېتامىيوت پارتلاپ، 22 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1997884
سومالىدىكى بىر بالىلار باغچىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ،  نۇرغۇن بالا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆۋەنكى شابېل رايونى ئەمەلدارلىرىدىن ئىبراھىم مالابوۋ بايانات بېرىپ، بالىلار ئويناۋاتقان بىر باغچىدا راكېتاميوت پارتلاپ، 22 بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۈچ بالىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پارتلاشنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن مالابوۋ، ئۆلگەن بالىلارنىڭ 16 سىنىڭ ئوغۇل، ئالتىسىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى باشقۇرۇۋاتقان ئەششەباب بولسا، پارتلاشنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى مۇۋەققەت قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر قول بومبىسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر