ترامپ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى
ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى سارىيىدىن چىققان «مەخپىي ھۆججەتلەر»نى تەكشۈرۈشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى تەپتىش مەھكىمىسى ئەمەلدارىنىڭ، يەتتە تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىدىغان دېلو ئارخىپىنىڭ ترامپنىڭ ئادۋوكاتلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
مەزكۇر ئەمەلدارلار تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۈنۈگۈن ترامپنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، دېلونىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپلاندۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ دېلو توغرىسىدا رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى جاۋابسىز قالدۇردى.
ترامپنىڭ ئادۋوكاتى جېيمىس ترېستىمۇ تۈنۈگۈن كەچتە بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېىرپ، ترامپقا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەر ھەققىدە توختالدى.
ئۇ ترامپنىڭ «ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىنى قەستەن تۇتۇپ قېلىش، بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە توسقۇنلق قىلىش، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ۋە سۇيىقەست پىلانلاش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردىۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى قۇيۇن ئاپىتىدە بەش خىتاي ئۆلدى
خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن قۇيۇن ئاپىتىدە بەش خىتاي ئۆلۈپ، تۆت خىتاي يارىلاندى.