ئىسرائىلىيە قىسىملىرى پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ  ئۆيىنى چىقىپ تاشلىدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىك مەھبۇس ئىسلام ئەل فارۇھنىڭ ئۆيىنى چىقىپ تاشلاۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقتا 16 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

1997027
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ  ئۆيىنى چىقىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق بىر ئەترەت راماللاھتىكى ئىسلام ئەل فارۇھنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ ئاستىغا پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇردى. پارتلاش تۆت قەۋەتلىك بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگىچە تەسىر كۆرسەتتى.

بۇ جەرياندا، ئۆينىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئەتراپتىكى ياشلار بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا مالىمانچىلىق يۈز بەردى. ئەسكەرلەر راست ۋە پلاستىك ئوق ئىشلەتتى، پەلەستىنلىك ياشلار تاش ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتتى.

ۋەقەدە 16 پەلەستىنلىك يارىلاندى، ئونلىغان پەلەستىنلىك گاز بومبىسىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى 2023-يىلىنىڭ بېشىدىن ماينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا پەلەستىنلىىكلەرگە تەۋە 104 بىنانى «ئىجازەتنامىسى يوق» دېگەن باھانە بىلەن چېقىپ تاشلىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى پەلەستىنلىكلەرنى «ھۇجۇم قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن ئەيىبلەپ، نازارەتكە ئېلىپ تۈرمىگە تاشلاشتىن باشقا يەنە، ئۆيلىرىنى چېقىپ تاشلاش ئارقىلىقمۇ جازالىماقتا.  

پەلەستىنلىك ئىسلام ئەل فارۇھ غەربىي قۇددۇستىكى ئوخشىمىغان ئىككى نۇقتىدا ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېقىن جايدا، بومبا ھۇجۇمى تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلىنىپ  2022-يىلى 27-دېكابىردا قولغا ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر