مادۇرو: تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىنىڭ «ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك» ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1997096
مادۇرو: تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى
maduro-prens selman.jpg
erdogan-maduro.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن خاتىرە سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ باياناتىدا، ۋېنېزۇئېلانىڭ تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قۇرغان مۇستەھكەم ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دوستانە دۆلەتلەردىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك پائالىيەتلەر كۈنتەرتىپىمىز تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، شۇنداقلا ئىستىراتېگىيەلىك ساھەلەردە مۇستەھكەم، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى سېلىشىمىزغا شارائىت يارىتىپ بەردى. يېڭى دۇنيادا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئىرادىمىز قەتئىي.»

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو 3-ئىيۇن كۈنى (2023) پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلاش مۇراسىمى» غا قاتناشقانىدى.

ئۇ تۈنۈگۈن (7-ئىيۇن) سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى «سالام سارىيى» دا، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر