كانادادىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى

كانادادىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىمۇ تۇرمۇشقا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.

1996873
كانادادىكى دالا ئوت ئاپەتلىرى ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى
abd hava kirliligi.jpg
abd hava kirliligi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يوركنىڭ ھاۋا سۈپىتى خاتىرىلىنىشكە باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار سەۋىيەگە يەتتى؛ بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ 200 دىن ئېشىپ كېتىشى ئەڭ يۇقىرى بۆلەك ۋە خەتەرلىك ھالەت ھېسابلىنىدۇ.

نيۇ يورك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى ئىس- تۈتەك بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ئامما ناچار ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ماسكا تاقاشقا باشلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا قىلىنىدىغان قوشۇمچە ياردەملەرگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

114 مىليون ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەن ھاۋانىڭ بۇلغىنىش خەۋپىنىڭ تۆۋەنلىگەن ھالدا جۈمە كۈنىگىچە داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ھاۋادىكى ئىسرائىلىيە–تۈتەكلەر تۈپەيلى نيۇ يورك رايونىدىكى نيۇئارك ۋە لاگۇاردىيا ئايرودۇرۇملىرىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ قاتنىشىدا قالايمىقانچىلىق كۆرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر