ئىراننىڭ رىياد ئەلچىخانىسى قايتا ئېچىلدى
ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتىكى ئەلچىخانىسى ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئېچىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ رىياد ئەلچىخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى رىزا بىگدەلى قاتناشقان.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى شىئە ئالىم نىمر ئەننىمرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 كىشى «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.
ئىران دائىرىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئارقىمۇ ئارقا باياناتلارنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسى ۋە مەشھەد شەھىرىدىكى كونسۇلخانا بىناسىغا ئىراندىكى نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئوت قويۇۋېتىلگەنىدى.
بۇ ھۇجۇملاردىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 3-يانۋار (2016) ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
رىياد بىلەن تېھران ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 10 – مارت (2023) كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئىككى ئاي ئىچىدە قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۈتۈشكەنىدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان 6-ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىلىرىنى قايتىدىن ئېچىش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.
ئىران 23-ماي كۈنى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى رىزا ئېنايېتىنىڭ رىياد باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پاكىستان: قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى
پاكىستان قاراباغنى ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.