ھاۋادىكى كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارىنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى
پەن – تەتقىقاتچىلار ھاۋادىكى كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن كالىفورنىيەدىكى Scripps Oceanography ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرى، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاتموسفېرا ئاساسىي ئۆلچەش پونكىتىدا ئۆلچەنگەن كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، ھەر مىليون ئادەمدە 424 قىسىمغا ئۆرلىگەنلىكىنى، بۇ سەۋىيەنىڭ «مىليون يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.
پەن - تەتقىقاتچىلار شىمالىي يېرىم شاردىكى كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارىنىڭ 2022- يىلى 5- ئايغا سېلىشتۇرغاندا 3.0 ppm، سانائەتتىن ئىلگىرىكى دەۋرگە سېلىشتۇرغاندا %50 تىن كۆپرەك ئاشقانلىقىنى، بۇ ئېشىشنىڭ «مۇقىم» داۋاملاشقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
ئاتموسفېرادىكى كاربون تۆت ئوكسىد مىقدارىنىڭ ئىنسانلارنى ئاساس قىلغان پائالىيەتلەرنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى سۈپىتىدە ئېشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئورگاننىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇر ۋە گرافىكلاردا، كاربون تۆت ئوكسىد نىسبىتىنىڭ ئېشىشى يېقىنقى ئون يىلدىكىگە ئوخشاش داۋاملاشقان تەقدىردە، 2035- يىلىغا بارغاندا 450 ppm غا يېتىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پاكىستان: قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى
پاكىستان قاراباغنى ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.