ئۇكرائىنادا كاخوۋكا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئۇكرائىنانىڭ خېرسون رايونىغا جايلاشقان ۋە رۇسلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان كاخوۋكا سۇ ئېلېكترئىستانسىسى بومباردىمان قىلىنىپ ۋەيران قىلىۋېتىلدى.

1995745
ئۇكرائىنادا كاخوۋكا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى «جەنۇبىي» رايونلۇق ھەربىي ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابى باياناتچىسى ۋىلادىسلاۋ نازاروۋ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خېرسون رايونىغا جايلاشقان كاخوۋكا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئىشغالىيەت ئارمىيەسى كاخوۋكا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى بومباردىمان قىلدى. ۋەقەدىن كېيىن، زىياننىڭ دەرىجىسى، سۇنىڭ سۈرئىتى ۋە ھەجىمى، يۈز بەرگۈسى كەلكۈن ئاپىتى رايونلىرى ئېنىقلىنىپ، تېگىشلىك خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە، ۋەزىيەت يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە.»

خېرسون رايونلۇق ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر پروكۇدىنمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كەلكۈن خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن دنيېپېر دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىشغالىيەت ئاستىدىكى دەريانىڭ سول قىرغىقىدىكى كىشىلەرنى ھازىرچە تارقاقلاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئاندرېي يېرماك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە كاخوۋكا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ بۇ ۋەقە توغرىلىق دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشى بىلەن يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۇجۇم ئەسلىدە مۇھىت قىرغىنچىلىقىدۇر. خېرسون رايونىنىڭ جەنۇبى ۋە قىرىمدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىچىملىك ​​سۇدىن مەھرۇم قىلىنىشى، بىر قىسىم ئولتۇراق رايونلارنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە بىيولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشىغا رۇسلار جاۋابكار بولىدۇ.»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «رۇسلار كاخوۋكا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى توسمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى پۈتكۈل دۇنياغا ئىسپاتلىدى. ئۇلارغا بىر مېتىر بولسىمۇ زېمىن قالدۇرماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۇلار ھەر بىر مېتىر زېمىندىن تېررورلۇق ئۈچۈن پايدىلانماقتا. پەقەت ئۇكرائىنانىڭ غەلبىسىلا بىخەتەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، بۇ غەلىبە چوقۇم كېلىدۇ. تېررورچىلار ئۇكرائىناغا سۇ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن توسالغۇ بولالمايدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالغان نوۋايا كاخوۋكا شەھەر باشلىقى ۋلادىمىر لېيونتيېۋ «رىيا نوۋوستى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، كاخوۋكا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن كېيىن سۇنىڭ 2.5 مېتىر ئۆرلىگەنلىكىنى، ئەمما بارلىق مۇلازىمەتلەرنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، كاخوۋكا سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، يۈز بەرگۈسى كەلكۈن خەۋىپى سەۋەبىدىن بەزى رايونلاردا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىشلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر