ئۇكرائىنا باخمۇت يۆنىلىشىدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى ئالېكساندر سىرسكىي ئۆزلىرىنىڭ باخمۇت يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1995936
ئۇكرائىنا باخمۇت يۆنىلىشىدە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى سىرسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا شەرقىي فىرونت ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

باخمۇت يۆنىلىشىدە رۇسلارنى يوقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن سىرسكىي: «مۇداپىئە قىسىملىرىمىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بىز ئۇلارغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن زەربە بېرىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننا ماليارمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، بۈگۈن ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ شەرقىي فىرۇنتتا قايتۇرما ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، توقۇنۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈن كېچە ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى، 20 بومبىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاۋادا بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كىيېۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى سېرگېي پوپكو ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىتچت قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارچىلىرىنىڭ شەھەرنىڭ دېسنىيەن رايونىدىكى ئېلېكتىر لىنىيەلىرى ۋە بىر تاللا بازىرىنىڭ دېرىزىلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى، ھازىرچە قازا قىلغان ياكى يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر