ئامېرىكادا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا مىلياردېرنىڭ قىزى ۋە نەۋرىسىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدا تۈنۈگۈن (5-ئىيۇن) ئۇچۇشقا چەكلەنگەن رايوندا چۈشۈپ كەتكەن خۇسۇسىي ئايروپىلاندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە، مىلياردېر سودا سانانائەتچى جون رۇمپېلنىڭ قىزى ۋە نەۋرىسىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1995849
ئامېرىكادا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا مىلياردېرنىڭ قىزى ۋە نەۋرىسىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئىشخانىسى فلورىداغا جايلاشقان مېلبۇرن شىركىتىنىڭ خوجايىنى رۇمپېل نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىن لوڭگ ئىسلاند رايونىدىكى ئۆيىگە قايتىۋاتقان پەيتتە چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا، قىزى ۋە ئىككى ياشلىق نەۋرىسى شۇنداقلا بالا باققۇچى ۋە شىركەت ئۇچقۇچىسىنىڭ بارلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ مىلياردېر سودا سانائەتچى، مېلبۇرن شىركىتى قارمىقىدىكى <Encore Motors> شىركىتىگە تەۋە رېئاكتىپ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، ئەمما ئايروپىلاننىڭ بېسىم تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يازما باياناتىدا، تېننېسسى ئىشتاتىدىن لوڭگ ئىسلاندقا قاراپ يولغا چىققان كېسسنا تىپلىق ئايروپىلاننىڭ پايتەختتىكى ئۇچۇش چەكلەنگەن رايونغا كىرگەنلىكىنى، ئاندىن ۋىرجىنيانىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدىكى تاغلىق رايونغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنىپ، بىر نەچچە سائەتتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ساقچىلار ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرى بار يەرگە يېتىپ بارغانلىقى، ۋەقەدە ھېچ كىشىنىڭ ھايات قالمىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاۋىياتسىيە ۋەقەسىنى تەكشۈرگۈچىسى ئادام گېرخاردت چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنىڭ دېلاۋار ئىشتاتىغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەت تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر