پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلدى
«Dawn» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆلكىنىڭ باجاۋۇر رايونىدا يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تىزگىنەكلىك بومبا بىر ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقان پەيتتە پارتىلىغان.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارتلاشتا 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، تېخىچە ھېچكىشى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.
پاكىستاندا، بولۇپمۇ خەيبېر پاختونخۋا ۋە بالۇچىستان ئۆلكىلىرىدە يېقىنقى ئايلاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيمەكتە.
ئىسلامئاباد دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلغان پاكىستان تالىبانلىرى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى ۋە يېتەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئافغانىستان بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.
پېشاۋاردا 30-يانۋار پىشىن نامىزى ئەسناسىدا جامىغا قارىتىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا كۆپىنچىسى ساقچى بولۇپ، جەمئىي 102 كىشى قازا قىلغان ئىدى.
بالۇچىستاندا 6-مارتتا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىمۇ 10 بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلغان ئىدى.
بالۇچىستاننىڭ جوب رايونىدا جامائەتى-ئىسلامىي پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سىراجۇل ھەقنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە 19 - مايدا ئادەم بوماب ھۇجۇمى قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە پارتىيەنىڭ باش كاتىپى ئەمىرۇل ئازىم ھەق ھۇجۇمدىن يارىلانماستىن قۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.