نىگېرىيەدە چارۋىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 25 كىشى قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ چارۋىچىلىق ۋە تىرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلىرى ئوتتۇرىسىدا پات-پات توقۇنۇش يۈز بېرىپ كېلىۋاتقان بېنۇ ئۆلكىسىدە، قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 25 كىشى قازا قىلدى.

1995192
نىگېرىيەدە چارۋىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 25 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتسىنا-ئالا رايونىنىڭ رەئىسى ئاتېرا ئالفرېد بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، قوراللىق كىشىلەرنىڭ بېنۇ ئۆلكىسىدىكى كاتسىنا-ئالا رايونىغا قاراشلىق ئوخشىمىغان يېزىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالفرېد ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 25 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

بېنۇ ساقچى باياناتچىسى كاتېرىن ئانېنې بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ۋە تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيەنىڭ شىمالىي قىسمى، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فۇلانىلار بىلەن تىرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى قەبىلىلەر ئارىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا پات پات سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

كۆچمەن چارۋىچى فۇلانىلار دېھقانلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئوغرىلىماقچى بولغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر