ھايتىدا كەلكۈن ئاپىتىدە 15 ئادەم قازا قىلدى
ھايتىدا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 8 ئادەم يوقاپ كەتتى.
1995507
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتى پۇقرالارنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدا تەخمىنەن 13 مىڭ 400 ئادەم ئۆي – ماكانلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان.
دەسلەپكى قارارغا قارىغاندا، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىدە 7400 دىن ئارتۇق ئۆي – ماكان زىيانغا ئۇچرىغان، 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 8 ئادەم يوقاپ كەتكەن.
ھايتى باش مىنىستىرى ئارىئېل ھېنرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ھايتى ھۆكۈمىتى يەرلىك ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كەلكۈن ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلماقتا ئىكەن.
ھايتىدا 2016-يىلى يۈز بەرگەن «ماتھېۋ» ناملىق بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 800 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئىدى.