پاكىستان نازارەتكە ئالغان 198 نەپەر ھىندىستانلىق بېلىقچىنى قويۇپ بەردى

پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن نازارەتكە ئالغان 198 نەپەر ھىندىستانلىق بېلىقچىنى قويۇپ بەردى.

1994978
پاكىستان نازارەتكە ئالغان 198 نەپەر ھىندىستانلىق بېلىقچىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ «The News» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالاقىدار مەسئۇللار 198 ھىندىستانلىق بېلىقچىنى لاھوردىكى ئىككى دۆلەت چېگرا ئېغىزى بولغان ۋاگاھتا ھىندىستان مەسئۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن نازارەتكە ئېلىنغان 198 نەپەر ھىندىستانلىق بېلىقچىنى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى نىيىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە  قويۇپ بېرىش قارار قىلغانلىقى شۇنداقلا بۇ قەدەمنىڭ ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر