ھىندىستاندا ئېغىر پويىز ۋەقەسى يۈز بېرىپ 288 ئادەم قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ ئورىسسا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تۈنۈگۈنكى پويىز ۋەقەسىدە 288 ئادەم قازا قىلدى، 900 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

1994756
ھىندىستاندا ئېغىر پويىز ۋەقەسى يۈز بېرىپ 288 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورىسسا ئۆلكىسىنىڭ بالاسورې رايونى باھاناگا پويىز ۋوگزالى ئەتراپىدا تۈنۈگۈن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 19 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئىككى يولۇچىلار پويىزى ۋە بىر يۈك پويىزى ئۆزئارا سوقۇلۇپ كېتىپ، 288 ئادەم قازا قىلدى، 900 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

ۋەقەدە دائىرىسىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھىندىستان دائىرىلىرى، ھادىسىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ كوروماندېل تېز پويىز شىركىتى بىلەن ياشۋاتپۇر- خوۋرا تېز پويىزى شىركىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شالىمار ۋوگزالىدىن يولغا چىققان كوروماندېل شىركىتى يولۇچىلار پويىزىنىڭ چېنناي مەركىزى ۋوگزالىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ھىندىستان پىرېزىدېنتى درائۇپادى مۇرمۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، بۇ بەختسىز ھادىسىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى، ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەرنىڭ ئازابىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىمۇ ھادىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا بارلىق زۆرۈر ياردەملەرنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مودى ۋەقەدە يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرگە تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر