ب د ت: ئىسرائىلىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى بەش ئېيىدا 112 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 112 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1994824
ب د ت: ئىسرائىلىيە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى بەش ئېيىدا 112 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەييارلىغان دوكلاتتا، 2023 - يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلاندۇرۇلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلدى.

دوكلاتتا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ يىل بېشىدىن تارتىپ 29 - مايغىچە بولغان جەرياندا شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 107 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 429 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا يەنە، ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ يىل بېشىدىن بۇيان پەلەستىنلىكلەرگە 409 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقى؛ ھۇجۇملاردا بەش پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقى، 105 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا، شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى 575 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر