«ماكرون فىرانسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ»

فىرانسىيە پىرېزىدېنت ماكروننىڭ فىرانسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1994356
«ماكرون فىرانسىيە - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاننى كلايىر لېگرېندرې پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكروننىڭ قايتا سايلانغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تۈركچە ۋە فىرانسۇزچە تەبرىك باياناتى ئېلان قىلىشىنىڭ، ئۇنىڭ فىرانسىيە بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ئارزۇسىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاننى كلايىر لېگرېندرې فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

لېگرېندرې تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى باسقۇچلۇق جۇمھۇر رەئىس سايلىمىنىڭ نەتىجىسى، بۇ نەتىجىنىڭ كەلگۈسىدە تۈركىيە – فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دائىر سوئالغا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سايلام ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ماكروننىڭ ياۋروپادا قايتىدىن تىنچلىق ئورنىتىلىشى، ياۋروپا - ئاتلانتىك ئوكيان ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكى، ئاقدېڭىزدىكى خىرىسلار قاتارلىق فىرانسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ بىرلىكتە يېڭىشىگە تېگىشلىك چوڭقۇر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيقانلىقىنى بايان قىلدى.

لېگرېندرې ماكروننىڭ ئەردوغاننى قايتا سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەنلىكىنى ۋە فىرانسىيە -  تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئەردوغان بىلەن ماكروننىڭ پات يېقىندا يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش توغرىلىق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر