بايدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا يىقىلىپ چۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئكادېمىيەسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سەھنىدە يىقىلىپ چۈشتى.

1994413
بايدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا يىقىلىپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن كولورادو ئىشتاتىدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئاكادېمىيەسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىپلوملىرىنى تەقدىم قىلدى، ئاندىن سەھنىدە پۇتلىشىپ، تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، يىقىلىپ چۈشتى.

جو بايدىن مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ئوفىتسېرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئورنىدىن تۇردى.

ئاقساراي تەرىپىدىن 80 ياشلىق بايدىننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تېخىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئاقساراي ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى بېن لابولت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، بايدىننىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ۋاقىىتتا سەھنىدىكى بىر قۇم خالتىسىغا پۇتلىشىپ كېتىپ، يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر