ئىسپانىيە ماراكەشكە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى
ئىسپانىيە شىمالىي ئافرىقادىكى زېمىنلىرى سېئۇتا بىلەن مېلىللاغا «ماراكەش شەھەرلىرى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن ماراكەش ھۆكۈمىتىگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — EFE نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ماراكەشنىڭ مادرىدتىكى ئەلچىخانىسىغا ئۇلتىماتوم يوللاپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا كومىتېتىدىكى ۋەكىلىنىڭ سېئۇتا ۋە مېلىللا شەھەرلىرىنى «ماراكەش شەھەرلىرى» دەپ ئاتىشىنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە ئىسپانىيەنىڭ بۇ خىل ئېنىقلىمىلارنى «پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
ماراكەش ھۆكۈمىتى ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مارگارىتىس شىناسنىڭ سېئۇتا ۋە مېللا توغرىسىدىكى «خەلقئارادا ئىسپانىيە شەھەرلىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان»، «ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگراسىدىكى شەھەرلەر» دېگەن سۆزلىرىگە جاۋابەن ياۋروپا كومىسسىيەگە يوللىغان بىر ھۆججەتتە «سېئۇتا ۋە مىلىللا ماراكەش شەھەرلىرىدۇر» دەپ تەكىتلىگەنىدى.
غەربىي سەھرايى كەبىر كىرىزىسى ۋە سېئۇتا ۋە مېللا ئارقىلىق ئىسپانىيەگە كىرگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن 2021-2022 - يىللىرى 10 ئاي داۋاملاشقان دىپلوماتىك كىرىزىسنى باشتىن كەچۈرگەن ئىسپانىيە بىلەن ماراكەش، 2022- يىلى 4- ئايدا «يېڭى ھەمكارلىق» ئورنىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى قارشى تەرەپنى بىئارام قىلىدىغان باياناتلارنى بېرىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ئۆزئارا ۋەدە بەرگەنىدى.
ئىسپانىيە بىلەن ماراكەش يەنە بۇ يىل 2- فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەتلەر ئارا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى چاقىرىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە يېڭى يول خەرىتىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان كېلىشىملەرنى تۈزۈش ئارقىلىق مەزكۇر ۋەدىلىرىنى مۇستەھكەملىگەنىدى.