سۇداندىكى شىددەتلىك بومباردىماندا 17 كىشى قازا قىلدى

سۇداندا پايتەخت خارتۇمنىڭ جەنۇبىدىكى شىددەتلىك بومباردىمان نەتىجىسىدە 17 كىشى قازا قىلدى.

1994039
سۇداندىكى شىددەتلىك بومباردىماندا 17 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندا ئارمىيە بىلەن يېرىم ھەربىي تېز قوللاش كۈچلىرى (HDK) ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش 47 كۈندىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

سۇدان دوختۇرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باياناتىدا، پايتەختنىڭ جەنۇبىدىكى مايو رايونىدا تۈنۈگۈن (31-ماي) كى شىددەتلىك بومباردىمان نەتىجىسىدە 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 36 نەپىرى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 106 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، بەشائىر تەتقىقات دوختۇرخانىسىنىڭ يارىلانغانلار سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە سەھىيە خادىملىرىنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن بېمارلارنى داۋالاشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ ئارىلىقتا، سۇدان ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە تارقاقلاشتۇرۇش ئۇچۇشلىرىدىن باشقا، ھاۋا ساھەسىنى تاقاش قارارىنىڭ 15-ئىيۇنغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سۇدان ھاۋا ساھەسى ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن يېرىم ھەربىي تېز قوللاش كۈچلىرى (HDK)  ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى توقۇنۇشتىن كېيىن تاقالغان ئىدى.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر