ستولتېنبېرگ پات يېقىندا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ پات يېقىندا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1993952
ستولتېنبېرگ پات يېقىندا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن غەيرى رەسمىي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا، ئۆزىنىڭ ھەپتە بېشىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا جاۋاب بېرىپ: «مەن پات يېقىندا ئەنقەرەگە بارىمەن، ئېنىق ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى» دېدى.

ستولتېنبېرگ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش كېلىشىمىنىڭ تەستىقلىنىشى ھەققىدە تۈركىيەگە قانداق ئۇچۇرلارنى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «مېنىڭ ئۇچۇرىم شۇكى، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى شىۋېتسىيە ئۈچۈن پايدىلىق بولغىنىدەك، سىكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى، بالتىق دېڭىزى رايونى، شۇنداقلا ناتو، تۈركىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، بۈگۈندىن، يەنى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، شىۋېتسىيەدە يېڭى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى تەكىتلەيمەن. بۇ شۇنداقلا شىۋېتسىيەنىڭ مادرىدتا ئىمزالانغان ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغانلىقىنىڭ پاكىتى بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ بىر قىسىم يوللۇق بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.  چۈنكى ھېچبىر ئىتتىپاقداش دۆلەت تۈركىيەگە ئوخشاش تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ باقمىدى. شۇڭا تېررورلۇقنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. مەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىش كېلىشىمىنىڭ پات يېقىندا تەستىقلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ، تۈركىيەدىكى جۇمھۇر رەئىس سايلىمى ۋە 28 – نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، نۆۋەتتە تۈركىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنى قايتا باشلاش توغرىسىدا سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر