ب د ت: ئۇكرائىنادا  1000 دىن ئارتۇق سەھىيە ئورگىنى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان 1000 دىن ئارتۇق سەھىيە ئورگىنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1993935
ب د ت: ئۇكرائىنادا  1000 دىن ئارتۇق سەھىيە ئورگىنى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى خادىملىرىنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دۇجارىك تۈنۈگۈن (31-ماي) مۇ دونېتسىك رايونىدا ئۈچ سەھىيە ئورگىنىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سەھىيە ئورگانلىرىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ئالدىنقى سەپنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە يۈز بەردى. مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سەھىيە ئورگانلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ياكى زەربە بېرىش ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىغا خىلاپ» دېدى.

دۇجارىك يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ، 15 ئاي ئىلگىرى باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا سەھىيە ئورگانلىرىغا 1000 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ 240 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ۋە سەھىيە خادىملىرى بىلەن  بېمارلارنڭ يارىدار بولىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى دوكلات قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنانىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۇجارىك، ب د ت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورتاقلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر سەھىيە ساھەسىدە 3 مىليون كىشىگە مۇلازىمەت قىلغانلىقىنى ۋە يىل ئاخىرى (2023) غا قەدەر مۇلازىمەت نىشاننىڭ 8 مىليون كىشىگە يېتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر