جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR) قايتىدىن جانلانماقتا

كولۇمبىيە 2019-يىلى ئايرىلغان جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR) غا قايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1993397
جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR) قايتىدىن جانلانماقتا
kolombiya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنت ئىۋان دۇكنىڭ دەۋرىدە، جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR) دىن ئايرىلغان كولۇمبىيە، بۇ قېتىم پىرېزىدېنت گۇستاۋ پېترونىڭ قارارى بىلەن ئىتتىپاققا قايتىشنى قارار قىلدى.

پېترو تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR) غا قايتىدىن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىتتىپاقنىڭ نامىنىڭ «خەلقئارا جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىلىشنى تەلەپ قىلدى.

جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR) دىن 2019-يىلى ئايرىلغان ئارگېنتىنا 22-مارتتا ۋە بىرازىلىيە 8-ئاپرېلدا قايتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھازىر جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR)  غا ئەزا دۆلەتلەر ۋېنېزۇئېلا، بولىۋىيە، گۋىيانا، سۇرىنام ۋە پېرۇ قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR) ۋېنېزۇئېلانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ھۇگو چاۋېزنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن 2008-يىلى ئامېرىكانىڭ رايوندىكى تەسىرىگە قارشى قۇرۇلغان ئىدى.

جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR) غا ئەزا ئالتە دۆلەت، 2018-يىلى  21- ئاپرېلدا  ئىتتىپاققا كىمنىڭ رەئىس بولۇشى كېرەكلىكىگە دائىر تالاش - تارتىشتىن كېيىن، ئەزالىقلىرىنى ۋاقتىنچە توڭلاتقان ئىدى.

باش كاتىپنى سايلاشتا يۈز بەرگەن پىكىر ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن بولىۋىيە، ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، چىلى، كولۇمبىيە، پاراگۋاي ۋە پېرۇ ئەينى چاغدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىتتىپاقى (UNASUR) دىن ۋاقىتلىق ئايرىلىشنى قارار قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر