ۋىيېننادا بىر دوختۇرخانىغا ئوت كەتتى
ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننا ئەتراپىغا جايلاشقان مۆتلىڭ دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئۈچ كىشى قېنىدىن ئايرىلدى، 20 كىشى ئىس-تۈتەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
1992898

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆۋەن ئاۋستىرىيە ئىشتاتى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ماتىياس خوفېر كېچە ۋاقتىدا ئۈچ بېمار بار ياتاققا ئوت كەتكەنلىكىنى ۋە ئەتراپقا تېزلىكتە تۇتۇشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۈچ بېمارنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنالمىغانلىقىنى، 20 كىشىنىڭ ئىس-تۈتەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ دوختۇرخانىدىكى بېمارلارنىڭ باشقا دوختۇرخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئوپېراتسيەخانىنىڭ ئوت كەتكەن جايغا يېقىن بولۇشى سەۋەبىدىن بىر مەزگىل بېمار ئوپېراتسىيە قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسى ئوت كېتىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.