كرېمىل: موسكۋاغا ئۇكرائىنا ھۇجۇم قىلدى

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ موسكۋاغا قىلىنغان ئۇچقۇ ھۇجۇمىنى ئۇكرائىنانىڭ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1993062
كرېمىل: موسكۋاغا ئۇكرائىنا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئۇكرائىنانىڭ موسكۋاغا ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھۇجۇملارنىڭ، كىيېۋنىڭ ئۇكرائىنادىكى قارار ئېلىش مېخانىزملىرىغا قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۇجۇمىمىزغا جاۋاب سۈپىتىدە قىلغانلىقى ناھايىتى ئېنىق» دېدى.

ئۇ يەنە، مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا قىلىۋاتقان «ھەربىي ھەرىكەتلەر» نىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىنى بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرال باشلىغان ۋە 15 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا، زاپورىژيا، خاركىۋ، لۇخانسك ۋە خېرسون رايونلىرىدىكى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش داۋاملاشماقتا.

دونېتسك سەككىز ئايدىن بۇيان ئەڭ ئېغىر ئۇرۇش يۈز بەرگەن رايونلاردىن بىرى بولدى. ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك رايونىنىڭ باخمۇت سېپىدىكى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى توپچى قىسىملىرى رۇسىيە نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلىپ بايانات بەرگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزا لىندسېي گراخامنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى گراخام ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشكەندە، رۇسىيەنىڭ توقۇنۇشتىكى ھەربىي تالاپىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەڭ ياخشى چىقىملىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر