فىلورىدا ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىلورىدا ئىشىتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، توققۇز ئادەم يارىلاندى.

1992729
فىلورىدا ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلورىدا ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى، بىر كىشىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىنىڭ ھوللىۋۇد دېڭىز ساھىلىدا ئەتراپقا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، توققۇز ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى، نەق مەيدانغا نۇرغۇن ساقچى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ يوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۈچلۈك ۋەھىمە پەيدا قىلغان ۋەقەدىن كېيىن، دېڭىز ساھىلىدىكىلەر يارىلانغانلارغا ياردەم بېرىشكە تىرىشتى.

يارىلانغانلارنىڭ ئىچىدە بالىلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ۋەقەگە چېتىشلىق بىر گۇماندارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، يەنە بىرىنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر