ئۇكرائىنا 11 دانە ئىسكەندەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىدى
ئۇكرائىنا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي زالۇژنىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پايتەخت كىيېۋغا قارىتىپ ئاتقان 11 دانە ئىسكەندەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي زالۇژنىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ بىر كۈندە ئىككى قېتىم ئۇكرائىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 11.30 ئۆتكەندە كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شىمال تەرەپتىن <م-ئىسكەندەر> ۋە <ك-ئىسكەندەر> تىپلىق 11 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى» دېدى.
كىيېۋدا ئارقىمۇ ئارقا پارتلاشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكو ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەتىگەن (28-ماي) تەرەپتە قىلىنغان ھۇجۇملاردا، پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كىيېۋ شەھەرلىك ھەربىي ئىدارەنىڭ باياناتىدا، 40 تىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى قەيت قىلىنغان ئىدى.