رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى 40 تىن ئارتۇق نىشاننى ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلىدى.

1992234
رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيېۋ شەھەرلىك ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ پايتەخت كىيېۋغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئەتىگەندىلا (28-ماي) كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان  بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى،  پەقەت مۇشۇ ماي ئېيى ئىچىدىلا پايتەختكە 15 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، كىيېۋغا ھۇجۇم قىلغان 40  تىن ئارتۇق نىشاننىڭ ئۇكرائىنا ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن بايقالغانلىقى ۋە ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.  

كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكومۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلانغان بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارچىلىرىنىڭ ھەرقايسى رايونلاردىكى ئاممىۋى ئۇل- ئەسلىھەلەرگە  چۈشۈپ زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر