پۇتىن ياۋروپا مۇنتىزىم ھەربىي قىسىملار ئەھدىنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ياۋروپا مۇنتىزىم ھەربىي قىسىملار ئەھدىنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

1992530
پۇتىن ياۋروپا مۇنتىزىم ھەربىي قىسىملار ئەھدىنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قارارنامە ئىمزالاپ، 1990- يىلى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئىمزالانغان «ئاككا»نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇنتىزىم ھەربىي قىسىملىرىغا چەكلىمە قويۇشنى مەزمۇن قىلغان «ئاككا»  ئەھدىنامىسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ۋە ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە تەرەپ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغانىدى.

2015- يىلى رۇسىيە «ئاككا» دائىرىسىدە چاقىرىلغان يىغىنلارغا قاتنىشىشنى توختىتىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر