پۇتىن بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى زەۋىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
تېلېفون سۆھبىتىدە، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋا ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدە چاقىرىلغان 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇرەسسەچىلىك تەشەببۇسلىرى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى پۇتىنغا يەتكۈزگەن.
پۇتىنمۇ ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېگەن: «كىيېۋ ۋە غەربلىك قوللىغۇچىلىرى توسالغۇ بولۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، سىياسىي ۋە دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھەر دائىم تەييارمىز.»
تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، رۇسىيە – بىرازىلىيە مۇناسىۋەتلىرى، شۇنداقلا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق مۇنبەرلەردىكى بىرلەشمە پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.