ئۇگاندادا يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئۇگاندادا يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ئاپىتىدە 5 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1991306
ئۇگاندادا يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇگاندا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بولامبىلى رايونىدا يېرىم كېچىدە يەر كۆچۈش ئاپىتى يۈز بەرگەن.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاپەت نەتىجىسىدە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، خارابىلىك ئاستىدا قالغان  7 كىشىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر