پۇتىن ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن پايتەخت موسكۋادا بىر يەرگە جەم بولدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن كرېمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرى يىغىنى ھارپىسىدا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى.
پىرېزىدېنت پۇتىن ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئۈچ رەھبەر بىر يەرگە جەم بولغان يىغىندا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى.
ئۇ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىننىڭ بىز ئۇزۇندىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىشىغا تىلەكداشمەن.»
بۇ فورماتسىيەدە چاقىرىلغان يىغىنلاردا نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان پۇتىن، توقۇنۇشلارنىڭ 2020-يىلى ئاخىرلاشقانلىقىنى، ئىقتىسادىي ۋە قاتناش ئالاقىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش، چېگرا لىنىيەلىرىنى بەلگىلەش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بەزى قىيىنچىلىق ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىماي، ئومۇمىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا مۇھىم خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىزمەتلەردىن بىرى قاتناش ئالاقىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، تېخنىكىلىق جەھەتتىن تېخىچە ھەل قىلىنالمىغان مەسىلىلەرمۇ بار.»
رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرىنىڭ بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش، ھەمدە ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان پۇتىن، كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن ئۈچۈن ئەلىيېۋۋە پاشىنيان بىلەنمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ تېخى ھەل قىلىنالمىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى يولىدا ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغان بىر كېلىشىم بولدى.»
ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۇدا 20 مىنۇت داۋاملاشتى.