جەنۇبىي كورېيە «نۇرى» ناملىق راكېتاسىنى قويۇپ بەردى

جەنۇبىي كورېيە سەككىز سۈنئىي ھەمراھنى ئوربېتاغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان «نۇرى» ناملىق تۇنجى يەرلىك راكېتاسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى.

1991299
جەنۇبىي كورېيە «نۇرى» ناملىق راكېتاسىنى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى تەتقىقات ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «KSLV-II» دەپمۇ ئاتىلىدىغان 200 توننىلىق «نۇرى» ناملىق راكېتا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان دېڭىز بويىدىكى گوخېئۇڭ شەھىرىدىكى نارو ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 18:24 دە قويۇپ بېرىلگەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سۈنئىي ھەمراھلار جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھەربىي جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربېتاغا  ئورۇنلاشتۇرۇشى، يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ياساپ چىقىشى ئۈچۈن تېخنولوگىيەلىك ھەم ئەمەلىي بىلىملەرنى توپلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

نۆۋەتتە شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي مۇئەسسەسەلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان جەنۇبىي كورېيەنىڭ تۇنجى جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى بۇ يىل (2023) قويۇپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

جەنۇبىي كورېيە ئالدىنقى يىلى (2022) مۇ ئوربىتاغا بىر سۈنئىي ھەمراھ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن «نۇرى» ناملىق راكېتاسىنى قويۇپ بەرگەنىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۆز تېخنولوگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئالەم بوشلۇقىغا سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەن 10-دۆلەتكە ئايلانغان جەنۇبىي كورېيە ئالەم بوشلۇقىغا بىر توننىدىن ئېغىر سۈنئىي ھەمراھ يوللىيالايدىغان راكېتا ياساپ چىققان 7-دۆلەتكە ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر