ياۋروپا رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ 200 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق پۇلىنى توڭلاتقان
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ 200 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق مال-مۈلكىنى توڭلاتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى كرىستىيان ۋىگاند (Christian Wigand) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياۋروپانىڭ ئۇرۇش سەۋەبىدىن ھازىرغىچە توڭلىتىلغان رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 10-قېتىملىق ئېمبارگو پىلانى دائىرىسىدە، ئەزا دۆلەتلەردىكى ئورگانلار رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈك ۋە پۇللىرىنى 12-ماي (2023) غىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇ بويىچە دۆلەتلىرى كومىتېتقا رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ 200 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى.»
ئۇ ئۇكرائىناغا سالغان زىياننى رۇسىيەگە تۆلىتىشتە قەتئىي ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ، بۇ مەسىلىدىكى خىزمەتلەرنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىشلىتىش تەدبىرلىرىدىن بىرىنىڭ رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ مال-مۈلكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مۈلۈكلەرنىڭ ئۆسۈمىنى ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىشلىتىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
غەرب دۆلەتلىرىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن رۇسىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ 300 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇلى توڭلىتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

شىۋىيېتسارىيە پارلامېنتى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
شىۋىيېتسارىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېكىتى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.