رۇسىيە شىۋېتسىيەلىك بەش دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى

رۇسىيە شىۋېتسىيەلىك بەش دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.

1990890
رۇسىيە شىۋېتسىيەلىك بەش دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسىيەنىڭ 25- ئاپرېل (2023) رۇسىيەلىك بەش دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

بۇنىڭ «دۈشمەنلەرچە» تاشلانغان بىر قەدەم ئىكەنلىكى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بۇ سەۋەبتىن شىۋېتسىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مالېنا ماردنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا: «باش ئەلچىگە، ئوخشاش ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شىۋېتسىيەنىڭ موسكۋا ئەلچىخانىسىدىكى مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئۈچ خادىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش شىۋېتسىيەلىك دىپلوماتىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى ئېلان قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۇندىن باشقا، رۇسىيەنىڭ گوتېنبۇرگدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ پائالىيىتىنى توختىتىشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «باش ئەلچىگە يەنە، رۇسىيە تەرەپنىڭ 2023 – يىلى 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ شىۋېتسىيەنىڭ سانت پېتىرسبۇرگدىكى كونسۇلخانىسىغا بەرگەن پائالىيەت ئىجازەتنامەسىنى بىكار قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر