پرىگوجىن: ئۇكرائىنالىقلارنى ئەڭ مەشھۇر مىللەتكە، ئارمىيەسىنى كۈچلۈك ئارمىيەگە ئايلاندۇردۇق

رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1990849
پرىگوجىن: ئۇكرائىنالىقلارنى ئەڭ مەشھۇر مىللەتكە، ئارمىيەسىنى كۈچلۈك ئارمىيەگە ئايلاندۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پرىگوجىن بىر تېلېگرامما قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋاگنېر جەڭچىلىرى (ياللانما ئەسكەرلىرى) نىڭ ئۇكرائىنانىڭ باخمۇت شەھىرىنى كونتروللۇقىغا ئالغانلىقىنى، 6- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە شەھەرنى رۇسىيە قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى ئەيىبلىگەن پرىگوجىن، ئارمىيەنىڭ يېڭى ناتسىستلارنى ئىزدەش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا قوپاللىق بىلەن كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كىيېۋ، خېرسون قاتارلىق جايلاردىن مۇۋەپپەقىيەت قازانماي تۇرۇپلا چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پرىگوجىن، ئۇلارنىڭ يەنە كراسنىي لىمان ۋە ئىزيۇمدىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇرۇش ئۇكرائىنانى ناتسىسىزم ۋە مىلىتارىزمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقتا. ئەمما، بىز ئۇكرائىنالىقلارنى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق مىللەتكە ئايلاندۇردۇق. ئۇكرائىنا ھەممە يەردە تونۇلغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. مىلىتارىزمدىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، دەسلىپىدە ئۇكرائىنانىڭ قولىدا 500 تانكا بار ئىدى، ھازىر ئۇلارنىڭ قولىدا 5000 تانكا بار. 20 مىڭ ئادەم قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بىلەتتى، ھازىر 400 مىڭ ئادەم قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدۇ. بىز ئۇ يەرنى مىلىتارىزمدىن قۇتۇلدۇردۇقمۇ؟ ئىشلار بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولدى» دېدى.

پىرىگوجىن يەنە: «ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئەڭ كۈچلۈكلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئىلغار تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، تەييارلىقى، ئىستىخباراتى، ناھايىتى ئىلغار قوراللىرى بار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

2022- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشى بىلەن، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتكەنىدى.

پۇتىن كىيېۋنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈپ، ناتسىستلاردىن خالىيلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر