ياۋروپا ئۇكرائىنانى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى تېزلەشتۈردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ 20-مارتتىن (2023) بۇيان ئۇكرائىناغا 220 مىڭ زەمبىرەك ئوقى ۋە 1300 باشقۇرۇلىدغان بومبا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1990078
ياۋروپا ئۇكرائىنانى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى تېزلەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان يىغىندىن كېيىن، مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا تەلەپ قىلغان قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلارنى بېرىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى 20-مارت (2023) قوبۇل قىلغان ئۈچ باسقۇچلۇق پىلاننىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇ رامكىدا ھازىرغىچە ئۇكرائىنانى 220 مىڭ زەمبىرەك ئوقى ۋە 1300 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگەنلىكلىرىنى، بۇ جەرياننىڭ 31-ماي (2023) دا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىككىنچى باسقۇچ سۈپىتىدە پىلان قىلىنغان ئورتاق سېتىۋېلىش ئۈچۈن 1 مىليارد ياۋرولۇق تەدبىرنىڭ 800 مىليونلۇق قىسمىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، سەككىز دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆز ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئەمما، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرغىچە ئۇكرائىنانىڭ 20 مىڭدەك ئەسكىرىنى تەربىيەلىگەنلىكىنى، بۇ رەقەمنىڭ يىل ئاخىرىدىن باشلاپ 30 مىڭغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 20-مارتتا ئۈچ باسقۇچلۇق قارارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، 1 مىليارد ياۋرولۇق مالىيە پىلانىنى تەستىقلىغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 3-ماي ياۋروپا مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش قانۇن تەكلىپىنى سۇنغان. بۇ دائىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خامچوتىدىن 500 مىليون ياۋرو ئاجرىتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئۈچ باسقۇچلۇق قارار، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئۇكرائىناغا 1 مىليون زەمبىرەك ئوقى ئەۋەتىش ئۈچۈن ئورتاق تەمىنلەش ئىشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر